ئاخبارات ئېلان قىلىش – دەرھال تارقىتىش ئۈچۈن
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ETGE)
2024-يىلى 13-نويابىر
2024-يىلى 12- ۋە 13-نويابىر كۈنلىرى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى پارلامېنتى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكەت يىغىنى ۋە بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 91 يىللىقى، ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى شۇنداقلا ETGE نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى يولىدا ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر خىزمەت قىلغان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئالىم-ئۆلىمالار، پىلانلىغۇچىلار ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەبداشلار قاتنىشىپ، خىتاينىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىن داۋامىدا ETGE رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولمىغان، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىردىنبىر چىقىش يولى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى رەسمىي ئېلان قىلدى. 376 بەتتىن تۈزۈلگەن بۇ تەپسىلىي ھۈججەتلىك ئەسەر يېڭىدىن قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان سىياسەت ئېنىستىتوتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ كولونىيالىزم، قىرغىنچىلىق ۋە ئىستىلا جىنايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، بېيجىڭنىڭ قارا يالغانلىرىغا قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاشنىڭ ئەخلاقى ۋە سىياسىي زۆرۈرلۈكىنى ئىپادە قىلىدۇ. د. مەمتىمىن ئەلا يەنە: « بىزنىڭ كۈرىشىمىزدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالغۇسى بۇ ئاق تاشلىق كىتاب شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىنبىر يول» دېدى.
ئاق تاشلىق كىتابتىن باشقا ، ETGE شەرقىي تۈركىستان دۆلەتلىك كىملىك كارتىسى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇ پروگرامما سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پۇقرالىرىنى رەسمىي تىزىملاش، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەقىللىق ئىشلىرىنى چۆرىدەپ ئىتتىپاقلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. باش مىنىستىر ئابدۇلئەھەد نۇر ئەپەندى بۇ كارتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مۇھاجىرەتتىكى تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ كۈچلۈك بىر قەدىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھ خۇدايار شەرقىي تۈركىستاننىڭ 9000 يىللىق ئۇزۇن تارىخى، 2000 يىللىق دۆلەتلىك مەۋجۇدىيىتىدە خەلقىنىڭ قەيسەرلىكىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. تاشقى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خۇدايار يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازاب-ئوقۇبەتنى تۈگىتىپ، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز».
ETGE نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ھايات قالغان دوكتور سايراگۇل ساۋۇتباي لاگېردا ئوقۇتقۇچى بولغاندىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، ئۇ يەردىكى قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىز قالدۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. دوكتور سايراگۇل ساۋۇتباي: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ۋە كىملىكىمىزنى يوقىتىشنىلا نىشان قىلمايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ، قازاق ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يەر شارىدىكى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئارزۇسى ھەققىدە خەلقئارانى ئاگاھلاندۇرۇپ، جىددىي خەلقئاراۋي ئارىلىشىشقا مۇراجىئەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەھقىقلىگۈچى ژۇرنالىست ئېتان گۇتمان ئۇيغۇر ۋە قازاق مەھبۇسلارنى تۈركۈملەپ يىغىۋېلىش توغرىسىدا قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە ھەر يىلى 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئادەم ئۇلارنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. گۇتمان مۇنداق دېدى: «2025-يىلغا بارغاندا، بۇ جىنايى قىلمىش كەم دېگەندە 175،000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن». ئاندىن ئۇ بۇ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكنى دۇنيا مىقياسىدا دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر جۇغراپىيەسى تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇختەر چۇڭ راھمان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھالقىلىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئەھمىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت كرىزىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋاسىتە تاللىماي بايلىق قېزىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى بۇزۇپ، چۆللىشىش ۋە بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
دوكتور مۇختەر چۇڭ راھمان: «مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ۋە قېزىلما بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان مۇستەملىكە ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە نەتىجىسىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
يىغىن جەريانىدا ، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ سابىق ئەمەلدارى جوسېف بوسكو شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشتىن ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ كېڭىيىش كۈن تەرتىپىنى توختىتىشتا شەرقىي تۈركىستاننى قوللاشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىدى.
سىنولوگىس بېن لاۋسېنمۇ بۇ خىل قاراشنى قايتا تەكىتلەپ: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئاساسلىق تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ بېرى» دېدى.
ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىش پروجېكتىنىڭ رەئىسى جەيسون جونېس شەرقىي تۈركىستان بىلەن دۇنياۋى ئىتتىپاقلىق ھاسىل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئىنسانلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ». جونېس نەچچە ئون يىللىق مۇستەملىكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ قوللىشى زۆرۈرلىكىنى يەنە بىرقېتىم تەكىتلىدى.
ETGE يىغىن داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈچ كۆرسەتكەن مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنى ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىدى. كورېيەلىك ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست سېخون كىم ۋە ئېتان گۇتمان خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقى ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشتى. ئابدۇسەمى ئابدۇسالام ئەپەندى ۋە ھاجى مەھمۇت ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن «ساداقەت ئوردېنى»غا ئېرىشتى.
ئىككىنچى كۈنى، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى 9-نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ 11-يىغىنىنى چاقىردى. پرېزىدېنت، مۇئاۋىن پرېزىدېنت، باش مىنىستىر ۋە بارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ETGE رەھبەرلىك قاتلىمى ئۆزلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى پارلامېنتقا سۇندى.
بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ETGE ئۇلارنىڭ ھەرىكەت چاقىرىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى» بىلەن بىرلىكتە 12-نويابىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەكلىبىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلدى.
دوكتور مەمتمىن ئەلا يەنە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتي قانۇنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشىنى، شۇنداقلاشەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت مەمتىمىن ئەلا: «ئامېرىكا پارلامېنتى چوقۇم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئەيىبلەش ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى» دېدى.
ETGE يەنە ئامېرىكا پارلامېنتىنى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى قانۇنىنى قاتتىق تونۇشتۇرۇش ۋە ماقۇللاشقا چاقىردى.
ETGE تەبرىك سۆزىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. دوكتور مەمتىمىن ئەلا تىرامپنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكتور مەمتىمىن ئەلا مۇنداق دېدى: «بىز تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەقلىق كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».
سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش بۇرچىدا تەۋرەنمەيدۇ.
بۇ قېتىملىق يىغىن خەلقئارادىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرلارنىڭ ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى دۇنيا سەھنىسىدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ۋەدە بېرىش بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.