شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت چاقىرىقى نامايىشلىرى بىلەن خاتىرلىدى

             2025-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

             ئاخبارات باياناتلىرى

ئاخبارات باياناتى  دەرھال ئېلان قىلىنىدۇ

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ETGE)

East-Turkistan.Net
contact@East-Turkistan.Net
2025-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتون، ئوسلو ۋە ئېدمونتون قاتارلىق جايلاردا تەڭلا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىشغال قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىپ، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاشقا چاقىردى.

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ 11 كۈندىلا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلدى. بۇ تاجاۋۇز 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مەجبۇرىي ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەملىكىچىلىك، ئىشغال قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى 12-ئۆكتەبىر كۈنىنى دۆلەت ماتەم كۈنى بىلىپ چوڭقۇر قايغۇردى. چۈنكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي يىلتىزىدۇر.

2014-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. مىليونلىغان كىشىلەر تۈرمىگە تاشلاندى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى، بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى، مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى شەرقىي تۈركىستاندىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، قوشنا ئەللەرنىمۇ نىشانلاپ يەر شارى بىخەتەرلىكى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىھ خۇدايار مۇنداق دېدى: «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يىلتىزى ئېنىق: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشى. بۇ ئىشغالىيەت ئاخىرلاشتۇرۇلمىسا، ئادالەت، تىنچلىق، ئەركىنلىك بولمايدۇ».

ئوسلودىكى نورۋېگىيە پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، نورۋېگىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قۇربانجان ھىسامىددىن خەلقئاراۋى ھەرىكەتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرىشى يالغۇز بىر خەلقنىڭ كۈرىشى ئەمەس. بۇ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مىللەتلەرنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىگە ئىشىنىدىغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن بىر سىناقتۇر» دېدى.

كانادانىڭ ئېدمونتون شەھىرىدىكى ئالبېرتا قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد نۇر ئەپەندى خەلقئارانىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلەپ: «قۇرۇق ئەيىبلەش پايدىسىزدۇر. كۆرۈپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماسلىق جىنايەتكە ھەمكارلاشقانلىقتۇر. كانادا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلالمىدى. بۇ مەغلۇبىيەت نەتىجىسىدە ھەر كۈنى سانسىزلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاياتى خاراپ بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

بۈگۈنكى دۇنياۋى نامايىشلاردا ئامېرىكا، نورۋېگىيە، كانادا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەركىنلىكى ۋە تۈپ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشكە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاشقا، خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشىنى قوللاشقا چاقىرىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىلا تەھدىت سېلىپ قالماي بەلكى يەر شارى بىخەتەرلىكىگە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ۋە ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە سۈكۈت قىلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.

Scroll to Top