2020 – يىلى 6 – فېۋرال، ۋاشىنگتون
تۆۋەندىكى بىرلەشمە بايانات شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش مىنىستىر ئىشخانىسى، رەئىس ئىشخانىسى ۋە سۈرگۈندىكى
پارلامېنت قاتارلىقلارغا ئائىتتۇر.
تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى تېمىسىدىكى
پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىق مۇزېيىنىڭ خىتاينىڭ
شەرقىي تۈركىستاندىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىدى. خىتايلارنىڭ
كېچىكىپمۇ بولسا بۇ نامغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قارشى ئالىمىز ھەمدە چوڭ قىرغىنچىلىق مۇزېيىدىكى
مۇھتەرەم شەخسلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
خىتاي 1949 – يىلى 12 – ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال
قىلغاندىن كېيىنكى 70 يىلدىن
كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك
ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ قىلمىشلار يىغىلىپ 2
– دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار
ھاكىمىيىتىنىڭ 6 مىليوندىن
ئارتۇق يەھۇدىي ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە قىرىۋەتكىنىگە ئوخشاپ
قېلىۋاتىدۇ.
1948-يىلى ب
د ت يىغىنى 260 A
(III)
قارار
ماقۇللاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش خەلقئارا ئەھدىنامىسىنى
ئېلان قىلدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ
ئىككىنچى ماددىسىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىلگەن:
بۇ ئەھدىنامىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مىللىي، ئېتنىك، ئىرق ياكى
دىنىي گۇرۇپپىلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش مەقسىتىدە سادىر قىلىنغان
تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:
(1) گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش؛
(2) گۇرۇپپا
ئەزالىرىغا جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش؛
(3) كوللېكتىپقا قەستەن جىسمانىي
جەھەتتىن ۋەيران بولۇشنى مەقسەت قىلغان تۇرمۇش شارائىتىنى قەستەن ئېلىپ بېرىش؛
(4) گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇت
چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛
(5) گۇرۇپپىنىڭ
پەرزەنتلىرىنى باشقا گۇرۇپپىغا مەجبۇرىي يۆتكەش.
ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە بەلگىلەنگەن بۇ قىلمىشلارنىڭ
ھەممىسىنى خىتاي ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا تۈركىي
خەلقلەرگە سادىر قىلغان.
3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز
ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرلىرى، تۈرمىلەر ۋە ئەمگەك لاگىرلىرىغا قامالغان
بولۇپ، ئۇلار قىينىلىش، سىياسىي تەربىيەلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك،
ئەزالىرى ئوغۇرلىنىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش ھەتتا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشكە ئۇچرايدۇ،
بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، نوپۇسنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش سىياسەتلىرى، مەجبۇرىي
بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي
نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي كەلگۈسى
ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نەچچە ئون مىڭلىغان
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي ئاياللارنى باسقۇنچى خىتاي ئەرلەر بىلەن توي
قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
بۇ يەتمىگەندەك، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە
قىرغىز بالىلىرى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملار
ياكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولىۋېلىنغان، ھەتتا خىتاي ئائىلىلەرگە «سادىق جۇڭگولۇقلار»
سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇلۇش ئۈچۈن بېرىلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان
قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇڭا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز
بىلەن ب د ت ۋە دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە ئالىملارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى
زوراۋانلىقلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا قارشى
ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز.