شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى
ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتى
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى
ھۆكۈمىتى (ETGE) تۈركىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى
پروفېسسور دوكتور ئەرخان ئافيونجۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىن
تۈركىيەگە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان
تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بىز
تۈركىيەنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى ئېتىراپ
قىلىش بىلەن بىرگە، شۇنى تەكىتلەيمىزكى، بۇ تەكلىپ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىرقىي
قىرغىنچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىشغالىيەت جىنايىتىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەنى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ
بۆشۈكى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنىدە ئىرقىي تازىلاش مەقسىتىگە
يەتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك
ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ مۇستەملىكچى كۆچمەنلىرىنى
ئورۇنلاشتۇرىشغا پۇرسەت يارىتىدۇ.
تۈركىيە ئەگەر نوپۇسىنى
كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلسا، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۆز پۇقرالىرى ئارىسىدا تۇغۇلۇش
نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتۇر. تۈركىيە
ھۆكۈمىتى باجنى كېمەيتىش، تۇرالغۇ ياردىمى ۋە بالا بېقىۋېلىش، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن
كۆپ بالىسى بار ئائىلىلەرگە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن رىغبەتلەندۈرۈش
قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي
پاراۋانلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ خىل سىياسەتلەر سىجىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل
قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەگەر كۆچمەنلەر يەنىلا زۆرۈر
دەپ قارالسا، تۈركىيە ئالدى بىلەن ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان
مىليونلىغان تۈرك پۇقرالىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ياخشى
پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك. ئەگەر
بۇمۇ يېتەرلىك بولمىسا، تۈركلەرنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىن كۆچۈپ كېلىشىنى ئالدىنقى
ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ رايونلار تۈركىيەگە ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا تارىخ،
مەدەنىيەت ۋە تىل ئالاقىسى كۈچلۈك بولۇپ، بىۋاسىتە قوشنىلاردۇر. ئەگەر داۋاملىق
كۆچمەن قۇبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، تۈركىيە كونترول ئاستىدىكى كۆچمەنلەر سىياسىتى
دائىرىسىدە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان
قاتارلىق مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىسا
بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى ۋەتىنىدىن، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش پەقەت خىتاينىڭ ئۇزۇن
مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىسىگە خىزمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسىنى
مەڭگۈلۈك يوقىتىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى پۈتۈنلەي بەربات
قىلىدۇ. بىز بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويالمايمىز. ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە
بەخت-سائادىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، چوقۇم خىتاينىڭ ئىشغالىيەت، مۇستەملىكە ۋە
ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك قوللىشى كېرەك.
پەلەستىنگە ئوخشاش تۈرك بولمىغان خەلقلەرنى قوللىغىنىغا ئوخشاش، تۈركىيە شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە
ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى
ئۇلارنىڭ كۆچۈشىدە ئەمەس، بەلكى ئۆز زېمىنىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىدە!