شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
ئاساسىي قانۇنى
2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى
ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىندا تۈزۈتۈلۈپ ماقۇللانغان.
كىرىش سۆز
بۇ
ئاساسىي قانۇن 1949 – يىلى 10 – ئايدا تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى
تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە
مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق مىللىي ئىرادىسى بىلەن
تۈزۈپ چىقىلدى.
ئۇشبۇ
ئاساسىي قانۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي
مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋە ھۆررىيەتكە ئېرىشكەندىن
كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي تۈزۈمى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ
بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىرىنچى بۆلۈم:
دۆلەت ئىسمى، دۆلەت تۈزۈمى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، دۆلەت گېمىنى، مىللىي
مارشى، دۆلەت تىلى، دۆلەت دىنى ۋە پايتەختى
1. ماددا:
دۆلەت ئىسمى — «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»
دۆلەت
ئىسمى تالاش – تارتىشلارغا يېپىق. شېھىتلەرنىڭ قانلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە
قويۇلغان دۆلەت ئىسمىدىن باشقا ئىسىم تەكلىپ قىلىش، باشقا ئىسىم بىلەن ئاتاش
بىردەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىسمى تاكى مۇستەقىللىق ئەسلىگە
كەلگەنگە قەدەر مۇشۇ پېتى قالىدۇ.
2. ماددا:
دۆلەت تۈزۈمى— دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجتىمائىي بىر
پۈتۈن قانۇن دۆلىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتنىڭ
بىرلىكىنى پارچىلاشقا بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ.
3. ماددا:
دۆلەت بايرىقى — ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.
)ئاي –
يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق(
4. ماددا:
دۆلەت گېربى — ھىلال ئاينىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە توققۇزدىن مارجان
بولغان ۋە مارجانلارنىڭ يىپى ھىلالنىڭ ئاستىدا باغلانغان؛ ھىلالنىڭ ئوتتۇرىسىدا
ھۆسنخەت بىلەن يېزىلغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»، ھىلالنىڭ ئىككى ئۇچى
ئارىسىدىكى بوشلۇق ئۈچ يۇلتۇز بىلەن تۇتۇشۇپ گويا بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر
شەكىلدىن ئىبارەتتۇر.
دۆلەت
گېربىدىكى ئون سەككىز مارجان — شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئون سەككىز تۈرك
قەبىلىسىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ يۇلتۇز بولسا تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان
كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىيلار دۆلەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر.
)دۆلەت
گېربى(
5.
ماددا:
دۆلەتنىڭ ئىستىقلال ۋە مىللىي مارشلىرى
دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى — 1933 – يىلى مەمتىلى ئەپەندى تەرىپىدىن
يېزىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن ئوقۇلغان «قۇرتۇلۇش
يولىدا» ناملىق شېئىردۇر.
دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى — مەمتىلى
ئەپەندىنىڭ «تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز» دېگەن
شېئىرىدۇر.
قۇرتۇلۇش يولىدا
قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سىنى،
قەلبىمىزدە قۇتۇلۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.
يۇرتۇمۇز بىز يۈز – كۆزۈڭنى قان بىلەن
پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز
يار ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ شۆھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز
ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن بولدى ئەل
ئامان
ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، پارلانسۇن ئەي
ئىستىقبالىمىز.
تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن
كېيىن يەنە بىز
تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن كېيىن يەنە
بىز،
قەلبىمىزدە ۋىجدانىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىمانىمىز.
تۈرك بىز، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۆكسى بىز تۇنچ
سۇفەرى،
باش كېسىلسە قايتماس باسقان ئىزىدىن تۈرك
ئەرلىرى.
يۇرتىمىزنىڭ ئالتۇنىدۇر تاغى بىرلە تاشلىرى،
ھەر بىرىمىز بىر ئارسلاندۇر، بۇ ۋەتەننىڭ
ياشلىرى.
يۇرتىمىز ئۈچۈن قۇرباندۇر ياشلىرىمىزنىڭ باشلىرى،
ئىمانى ئىسسىق قانى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرى.
ئوردىمىز ھەم يۇرتىمىز، مەسخۇر تۈركدۇر نامىمىز،
دىنىمىز، ئىمانىمىز، بۇ بىزنىڭ ۋىجدانىمىز.
يۇرتىمىز تۈركنىڭ يۇرتى، بىز ئۇنىڭ قۇربانىمىز،
بايرىقىمىز كۆك بايراق ئوتتۇرىسىدا ئاي – يۇلتۇز.
6.
ماددا: دۆلەت تىلى، دىنى ۋە پايتەختى
شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تىلى — ئۇيغۇر تۈركچىسىدۇر. قازاق ۋە قىرغىز
تۈركچىسى مىللىي تىللار قاتارىدا قوللىنىلىدۇ.
دىنى
— ئىسلامدۇر. دۆلەت باشقا دىنلارغىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلارنى قوغدايدۇ، ھەرخىل
دىنىي ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ
پايتەختى — ئۈرۈمچى.
7.
ماددا: ئاساسىي قانۇننىڭ يۇقىرىدا يېزىلغان 1 -، 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 –
ماددىلىرى ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزگەرتىلمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشكە تەشەببۇس
قىلىنمايدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
8.
ماددا: 2004 – يىلى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ
پايتەختى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ۋەتىنىمىز تاجاۋۇزچى خىتاي
ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىن ئازات بولغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن
ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر
ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلىنىدۇ.
9.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى
— دۇنيادىكى دېموكراتىيىنى، ھەققانىيەتنى، تىنچلىقنى سۆيىدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا
ھۆرمەت قىلىدىغان بارلىق دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى
بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن
ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى
تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېرورىغا قارشى كۆرەشكە
تەشكىللەش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن
ئىبارەت.
10.
ماددا: دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس، پارلامېنت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، باش
مىنىستىر، مۇئاۋىن باش مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشىلىك شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى» قۇرۇپ
چىقىلىدۇ. بۇ ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ
پائالىيەتلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە يول كۆرسىتىدىغان، مۇھىم قارارلارنى
ئېلىشقا ھوقۇقلۇق ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىدۇر.
11.
ماددا: ئالىي رەھبەرلىك ھەيئىتى يىلدا بىر قېتىم، زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت
رەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن خالىغان يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە
مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەر، قارارلار ۋە بايانلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى،
ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا ئائىت بارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىپ،
كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قارارلار چىقىرىدۇ. بۇ قارارلارنى باش مىنىستىر قانۇن
سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ.
12.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرى باش
مىنىستىرنىڭ قول ئاستىدا مىنىستىرلار كابېنتى بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. مىنىستىرلار
كابېنتىدا ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىغا خىلاپلىق قىلغان مىنىستىرلار خاتالىقىنىڭ ئېغىرلىقىغا
قاراپ، ئۈچ قېتىمغىچە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. (بەزى جىددىي خاتالارغا ئاگاھلاندۇرۇش
ئەمەس، بىرىنچى قېتىمدىلا جازا بېرىلىدۇ). بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئېتىبار قىلمىغان
تەقدىردە، مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ قارارى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن باش
مىنىستىر تەرىپىدىن كابېنتتىن چىقىرىلىدۇ.
13.
ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرلار كابېنتى يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم يىغىلىش
ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن باش مىنىستىر ۋە
كابېنتقا دوكلات سۇنىدۇ ۋە ئالىي رەھبەرلەر ھەيئىتىنىڭ قارارى ۋە ھۆكۈمەت
پروگراممىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدۇ.
ئۈچىنچى بۆلۈم: شەرقىي تۈركىستاننىڭ
پارلامېنت سايلىمى ۋە ۋەتەنداشلىق
14.
ماددا: مىللەت ۋەكىللىرى ئىككى ياكى ئۇندىن ئارتۇق نامزات كۆرسىتىش ئارقىلىق
پارلامېنتقا بىر رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس، بىر باش كاتىپ ۋە ئىككى كاتىپنى
پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن تۆت يىللىق مۇددەت ئۈچۈن كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن
سايلاپ چىقىدۇ. ھەرقايسى رايونلاردىن
دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ۋەكىللەردىن تەشكىللەنگەن پارلامېنت، ئالاھىدە
ئەھۋاللاردىن سىرت، ھەر تۆت يىلنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى
ئېچىلىپ، تۆتىنچى يىلى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. پارلامېنت بۇ ئاساسىي
قانۇننىڭ 17 -، 18 -، 19 – ماددىلىرىغا ئاساسەن، پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ
چىقىپ، پارلامېنتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سايلانغان پارلامېنت
ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ.
15.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەتەننىڭ ئىشغال
قىلىنىشىغا چېتىشلىق بولغان، دۈشمەنگە ياكى ۋەتەننى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ياردەم
بەرگەن، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى سېزىلگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ
پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ۋەتەن سىرتىدا پائالىيەت
قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن مۇستەقىللىقتىن باشقا سىياسىي مەقسەتلەرنى غايە
قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئادەتتىكى ئەزالار بۇ تەشكىلاتتىن ئىستىپا
بېرىپ، مۇئەييەن بىر مۇددەت ئۆتمىگۈچە، سىياسىي قاراشلىرى مۇستەقىللىقكە ئۆزگەرمىگۈچە
مىللەت ۋەكىلى بولالمايدۇ. ۋەزىپە ئالغانلاردىن ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە مىللىي
مەنپەئەتكە قارشى جىددىي خاتالىقى بولغانلار تەشكىلاتتىن ئىستىپا بەرگەن
تەقدىردىمۇ، شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىغا مىللەت ۋەكىلى بولالمايدۇ.
16.
ماددا: دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، دۈشمەنلەرگە
ياكى تاجاۋۇزچىلارغا ياردەم بەرمىگەن، ئۇلارنى قوغداپ قالمىغان، تارىختىن بۇيان
شەرقىي تۈركىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان، خىتاي بولمىغان ھەرقانداق كىشى شەرقىي
تۈركىستانلىق ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدا ئۆزىنى شەرقىي
تۈركىستانلىق دەپ ھېسابلىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتىنىم دەپ تونۇيدىغان
ھەرقانداق مۇھاجىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي ۋەتەندىشى بولالايدۇ.
تۆتىنچى بۆلۈم: پارلامېنت ئەزالىرى
17.
ماددا: پارلامېنت پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ. پارلامېنت
ئەزالىرىنى 18 ياشقا تولغان، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان،
چەتئەللەردە ھازىرغىچە ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك
سىياسىي پائالىيەتلەرگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ
كېلىۋاتقان ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق جىنسى پەرقىگە قارىماي، دېموكراتىك
ئۇسۇللار بىلەن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلاپ چىقىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار
ياشاۋاتقان ھەر دۆلەتتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10دىن مىللەت ۋەكىلى سايلىنىدۇ.
پارلامېنت
ئەزالىرىنىڭ قەسىمى: پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ دەۋاسىنى،
ئىستىقلالىنى ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقىمغا،
ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىمغا، قانۇنىي ئاساستا قانۇننىڭ
ئالىيلىقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمغا، دۆلەتنىڭ
شان – شەرىپىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن
خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئار – نومۇس
ۋە شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەن.
18.
ماددا: ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەتتە پارلامېنت
ئەزالىقىغا سايلاشقا بولمايدۇ. ئەمما سايلام ۋاقتىدىن ئەڭ ئاز ئۈچ ئاي بۇرۇن
ئىستىپا بېرىش شەرتى بىلەن ئۇلار سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ.
19.
ماددا: دۆلەت ئىچىدە ھەر ئاتمىش مىڭ نوپۇستىن بىر ئادەم پارلامېنت ئەزاسى
بولۇپ سايلىنىدۇ. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت پارلامېنتى ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى
ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇس سانىغا ۋە ئۇلارنىڭ
ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇنلاشقان بەلگىلىمىلەر
بويىچە سايلىنىدۇ. ئەمما، سۈرگۈندى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 60 كىشىدىن كۆپ
بولماسلىقى كېرەك.
20.
ماددا: پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدە ۋاپات بولغان ياكى ھەرقانداق سەۋەپ
تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئورنىغا پارلامېنتنىڭ قارارى بويىچە،
بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە شۇ ۋەكىل تەۋەلىكىدىكى رايون تەرىپىدىن پارلامېنت
ئەزالىرى تولۇقلاپ سايلىنىدۇ. ئەمما سۈرگۈندى پارلامېنتنىڭ ئەزاسى ۋاپات بولغان
ياكى ئىستىپا بەرگەن تەقدىردە، شۇ پارلامېنت ئەزاسى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى شەرقىي
تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن تولۇقلاپ سايلىنىدۇ.
بەشىنچى بۆلۈم: قانۇنلار ۋە قارارلار
21.
ماددا: بارلىق قانۇنلار پارلامېنت تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلىدۇ. بۇ قانۇنلار
كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىدۇ. دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن قانۇنلارنى
ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىدۇ.
22.
ماددا: يۇقىرىقى قانۇن – نىزاملارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بارلىق ئىجرائىي
قارارلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ.
ئالتىنچى بۆلۈم: پارلامېنت ۋە دۆلەت
ئارمىيىسى
23.
ماددا: دۆلەت رەئىسى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانىدۇر.
24.
ماددا: تىنچلىق مەزگىللىرىدە دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ئەڭ
تەجرىبىلىك، ئابرويلۇق، دۆلەت ئارمىيىسى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ئىشەنچلىك بىر
يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر دۆلەت ئارمىيىسىگە دۆلەت رەئىسىگە ۋاكالىتەن
قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە باش قوماندان قىلىپ تەيىنلىنىدۇ.
25.
ماددا: پارلامېنت دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي سەپەرۋەرلىك،
ئۇرۇش ئېلان قىلىش، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىش شەرتى ئاستىدا چەتئەللەر بىلەن
بولىدىغان شەرتنامىلەرنى تۈزۈش ۋە ئىمزالاش ھوقۇقىنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن
ھۆكۈمەتكە بېرىدۇ.
يەتتىنچى بۆلۈم: دۆلەت رەئىسىنىڭ
سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى
26.
ماددا: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، شەرقىي
تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، مۇئەييەن
دەرىجىدە مەدەنىيەت ساپاسى بولغان، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ۋەتەنداشلار
ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان، 30 ياشقا تولغان،
تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەرقانداق شەرقىي تۈركىستانلىق ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق
دۆلەت رەئىسى سايلىنىدۇ ۋە سايلانغان دۆلەت رەئىسى قەسەم بىلەن ئۆز ۋەزىپىسىنى
تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ھەر دۆلەت رەئىسى ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم سايلىنالايدۇ.
دۆلەت
رەئىسىنىڭ قەسىمى: دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۆلەتنىڭ دەۋاسىنى،
ئىستىقلالىنى ۋە ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ بۆلۈنمەس پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقىمغا،
ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىمغا، قانۇنىي ئاساستا قانۇننىڭ
ئالىيلىقىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمغا، دۆلەتنىڭ
شان – شەرىپىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن
خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا ئۇلۇغ ئاللاھ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئار – نومۇس
ۋە شەرىپىم بىلەن قەسەم قىلىمەن.
27.
ماددا: دۆلەت رەئىسىنىڭ ھوقۇقلىرى: دۆلەت رەئىسى باش مىنىستىر ئۈچۈن ئىككى
نامزات كۆرسىتىپ، مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ تاللىشىغا سۇنىدۇ. باش مىنىستىر تەرىپىدىن
سۇنۇلغان ھۆكۈمەت كابېنتىنى تەستىقلايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ. باش مىنىستىر خىزمەتتە
ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزسە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمىسا، رەئىس باش
مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە پارلامېنتقا تەكلىپ بېرىدۇ.
مىنىستىرلىككە تەيىنلەنگەن نامزاتلارنى ئىسپات بىلەن يەڭگۈشلەش ۋە ئەمەلدىن
قالدۇرۇش ھەققىدە باش مىنىستىرغا يازما تەكلىپ بېرىدۇ.
دۆلەت
رەئىسى دۆلەت بىرلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۆلەت رەئىسى پارلامېنت تەستىقلىغان قانۇن،
شەرتنامە ۋە قارارنامىلەرنى ئىمزالايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ. چەتئەللەرگە ئەلچىلەرنى
تەيىنلەيدۇ ۋە چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ تەكلىپى
بىلەن ئېغىر گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ياكى جازاسىنى يېنىكلىتىدۇ.
28.
ماددا: دۆلەت رەئىسى كېسەللىك، ساياھەت ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن
ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مەزگىللەردە، پارلامېنت ئەزاسى بولغان مۇئاۋىن دۆلەت
رەئىسى، دۆلەت رەئىسى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر دۆلەت رەئىسىنىڭ
بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە يۈرگۈزىدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋاپات بولغان
تەقدىردە، پارلامېنت تەرىپىدىن يېڭى دۆلەت رەئىسى سايلانغانغا قەدەر دۆلەت
رەئىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ ماددا سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
29.
ماددا: دۆلەت رەئىسى قانۇن – پىرىنسىپلارغا خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق
بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ياكى ئالىي كېڭەشنىڭ قارارلىرى، پىكىرلىرىگە
ھۆرمەت قىلماستىن خاتانى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا ئالىي كېڭەشتىكىلەرنىڭ تەكلىپى ۋە
پارلامېنتنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق دۆلەت رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
بۇنداق ھاللاردا مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسىنىڭ مۇددەت توشقىچە ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى
ياكى يېڭىدىن دۆلەت رەئىسى سايلاپ چىقىشى ئاۋازغا قويۇلۇپ بەلگىلىنىدۇ.
سەككىزىنچى بۆلۈم: باش مىنىستىرنىڭ
سايلىنىشى ۋە ھوقۇقلىرى
30.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىغا ئۆزىنى ئاتىغان، بۇ دەۋاغا
ئىشەنچىسى كامىل ، 25 ياشقا تولغان، مۇئەييەن مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە ،
ۋەتەنداشلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلىغان،
پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، تۈرك نەسلىدىن بولغان ھەرقانداق شەرقىي
تۈركىستانلىق شەرقىي تۈركىستان دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىك
نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدۇ. باش مىنىستىر ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم سايلىنالايدۇ. باش
مىنىستىر مىنىستىرلار كابېنتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن
پارلامېنتقا سۇنىدۇ. پارلامېنت ئۇنىڭ ھۆكۈمەت پروگراممىسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن،
بۇ مىنىستىرلار كابېنتىنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن تەستىقلايدۇ. بۇ جەرياندا
ئەسلىدىكى كابېنت ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
31. ماددا: باش
مىنىستىر بىر ياكى ئىككى مىنىستىرنى ھۆكۈمەت باياناتچىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
32.
ماددا: باش مىنىستىر پارلامېنتقا ۋەتەننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ھۆكۈمەتنىڭ
سىياسىتى ھەققىدە ئاز دېگەندە يىلدا بىر قېتىم مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇرۇش ۋە تىنچلىق زامانلىرىدا
دۆلەت ئارمىيىسىنى سەپەرۋەر قىلىشقا، كابېنت ئەزالىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت
قىلىشقا، مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ قارارلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلغان مىنىستىرلارنى
ئۈچ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشقا ۋە بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئېتىبار بەرمىگەن تەقدىردە،
باش مىنىستىر دۆلەت رەئىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۇلارنى كابېنتتىن چىقىرىشقا،
قانۇنلارنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا ۋە ۋەتەننىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ئاستىدا
قالغان مەزگىللىرىدە قانۇنى كۈچكە باراۋەر قارارلارنى چىقىرىشقا، پارلامېنت قارارى
بىلەن ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇقتۇر.
توققۇزىنچى بۆلۈم: پارلامېنتنىڭ
ھوقۇقلىرى
33.
ماددا: مەزكۇر پارلامېنت ھەممە قانۇن ۋە نىزاملارنى چىقىرىشقا، باج قانۇنى
چىقىرىشقا، قەرزلەرنى تۆلەشكە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا، ئومۇمىي باج
بىلەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج قانۇنىنى چىقىرىشقا،
باجنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە باراۋەر ۋە بىر خىل ئۆلچەملىك بولۇشىغا
مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇقتۇر. پارلامېنت يەنە تۆۋەندىكى
ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىدۇ:
34.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن قەرز ئېلىشىغا،
سودا – سېتىق ئىشلىرى بىلەن تاشقى سودىنى كونترول قىلىشىغا؛
35.
ماددا: ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىش، ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىش، ھەمدە كىرىزىسكە
سەۋەبچى بولىدىغان بانكا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە بانكا قانۇنى
چىقىرىشقا؛
36.
ماددا: پۇل بېسىش ۋە پۇلنىڭ قىممىتىنى قوغداش، چەتئەل پۇللىرىنىڭ كۇرسىنى
بەلگىلەش، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بېكىتىشكە؛
37.
ماددا: ساختا پۇل ياسىغۇچىلارنى جازالاشقا؛
38.
ماددا: پوچتىخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە بىناكارلىق
قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا؛
39.
ماددا: يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدىكىلەرگە قەلەم ھەققى
بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئەركىن پائالىيەت قىلىشىغا
كاپالەتلىك قىلىشقا؛
40.
ماددا: ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى
قۇرۇشقا؛
41.
ماددا: دۆلەت چېگرىسىدىكى ئەتكەسچىلىك، تاموژنىدىكى كۆز بويامچىلىق
ھادىسىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى
جازالاشقا؛
42.
ماددا: سىرتقا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، ۋەتەنگە قىلىنغان ياكى قىلىنىش ئېھتىمالى
بولغان تاجاۋۇزچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا؛
43.
ماددا: دۆلەت ئارمىيىسىنى تەربىيىلەش، كۈچەيتىش ۋە باشقۇرۇشقا؛
44.
ماددا: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، توپىلاڭنى تىنجىتىش، تاجاۋۇزنى
توسۇش ئۈچۈن ئارمىيىنى ھەربىي ۋەزىپىگە سەپەرۋەر قىلىشقا؛
45.
ماددا: ئەسكەرلەرنى تەشكىللەش، قوراللاندۇرۇش، باشقۇرۇش، ئوفىتسېرلارنى
ۋەزىپىگە تەيىنلەش، پارلامېنتنىڭ ھەربىي تۈزۈمگە بىنائەن ھەربىي تەلىم – تەربىيە
ئېلىپ بېرىشقا؛
46.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى
ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ يۇقىرىدا بايان
قىلىنغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پۈتۈن قانۇنلارنى چىقىرىشقا
ۋە قانۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇقتۇر.
ئونىنچى بۆلۈم: ۋەتەنداشلارنىڭ
ھەقلىرى ۋە پارلامېنتىنىڭ ھەقلىرى
47.
ماددا: پارلامېنت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىغا، قانۇن ئالدىدا
باراۋەرلىكىگە، دىنىي ئېتىقادلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارلامېنت تۆۋەندىكى
ئىشلار ھەققىدە قانۇن چىقارمايدۇ:
ھەركىمنىڭ
ئېتىقاد قىلغان دىنىغا ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويىدىغان، چۈشەنچە ۋە سۆز
ئەركىنلىكىنى، نەشرىيات ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان، يىغىلىش ئەركىنلىكى بىلەن
ھۆكۈمەتكە خالىغان تېمىدا ئىلتىماس سۇنۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان،
ۋەتەنداشلارنىڭ ئىمتىياز ۋە ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەنلىتىدىغان قانۇنلار.
48.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن خەلق قورال ساقلاش ۋە
قورال ئېلىپ يۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە.
49.
ماددا: تاجاۋۇزچىلارغا ھەمكارلىشىپ ۋەتەننىڭ ئىشغال قىلىنىشىغا ۋاسىتىچىلىك
قىلغان، دۈشمەنلەرگە ياكى ۋەتەننى ئىشغال قىلغۇچىلارغا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن
ياردەم بەرگەنلەر سوتقا تارتىلىدۇ ۋە جىنايىتىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ
جازالىنىدۇ.
50.
ماددا: قانۇندا رۇخسەت قىلىنغان ئەھۋالدىن باشقا، مەيلى تىنچلىق ياكى ئۇرۇش
دەۋرىدە بولسۇن، ھەرقانداق ئەسكەر ياكى ساقچىنىڭ مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى
ئالماي تۇرۇپ ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ
مۈلكىنى تەكشۈرۈش ياكى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
51.
ماددا: كىشىلەر يانلىرىنىڭ، خەت – چەكلىرىنىڭ، چوڭ – كىچىك بۇيۇملىرىنىڭ ۋە
ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ئاختۇرۇلۇش ۋە چېقىلىشىشا قارىتا قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئىگە
بولۇپ، ئۇلارغا دەخلى قىلىنمايدۇ.
52.
ماددا: ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنمىغان ياكى ئومۇمىي
خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ئەھۋاللاردا، ھېچكىم سوت مەھكىمىسىنىڭ
قارارىسىز ۋە تەپتىشنىڭ يازما ئەيىبلىشى بولماي تۇرۇپ جىنايى جاۋابكارلىقى ئۈچۈن
قولغا ئېلىنمايدۇ. ھەرقانداق كىشى ئوخشاش جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئەيىبلەنمەيدۇ.
ھېچكىم قانۇنىي جەريانلاردىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئەركىنلىكىدىن، مال – مۈلكىدىن،
ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. ئادىل تۆلەم تۆلەنمەي تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ خۇسۇسىي
مۈلكى مۇسادىرە قىلىنمايدۇ ياكى خەلققە تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ.
53.
ماددا: ھەرقانداق جىنايى دېلونى بىر تەرەپ قىلىشتا، جاۋابكار بىتەرەپ سوت
ئالدىدا قانۇن بويىچە سوتلىنىدۇ، جاۋابكار گۇناھلىرى ۋە قارىلىنىش سەۋەبلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈلىدۇ،
گۇۋاھچىلار بىلەن يۈزلەشتۈرۈلىدۇ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن گۇۋاھچىلارنى چاقىرالايدۇ
ۋە ئادۋۇكات تۇتالايدۇ.
54.
ماددا: قارىلانغۇچىنى قەبىھ ۋە غەيرىي نورمال ئۇسۇلدا جازالاشقا، ئۇنىڭدىن
ئارتۇقچە كاپالەت پۇلى ياكى جەرىمانە تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. گۇناھكار
جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايىتىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە ئاساسەن جازالىنىدۇ.
55.
ماددا: ۋەتەنداشلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇقلىرى، بەھرىمەن
بولۇشقا تېگىشلىك قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ئىنكار قىلىنمايدۇ.
56.
ماددا: سوتتا جىنايەتچىلەرگە بېرىلگەن جازادىن سىرت يەنە ئۇنى مالاي
قىلىۋېلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا قاراپ كەمسىتىش مەنئى
قىلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى قانۇن ئالدىدا باراۋەردۇر.
ئون بىرىنچى بۆلۈم: ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق
چەكلىمىسى
57.
ماددا: ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا كۆرسىتىلگەن دائىرىدىن سىرت پۇل سەرپ قىلىشىغا
رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمما، دۆلەتنى تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن
باش مىنىستىر پارلامېنتنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى مەبلەغنى
ساقلاش ۋە خىراجەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىر يىللىق خامچوت ۋە
راسخوت پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلايدۇ. مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك ۋە
ئورگانلاردىن ھەر يىلى راسخوتنىڭ چىقىم قىلىنىش ئەھۋالىدىن تەپتىش ھەيئىتى
ئارقىلىق ھېساب ئالىدۇ. تەپتىش ھەيئىتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن ئاۋازغا قويۇپ
سايلاپ چىقىلىدۇ، ھەيئەتلەر 3، 5، 7، 9 … كىشىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ.
58.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ھېچكىمگە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق مەنسەپنى
ھەدىيە قىلمايدۇ. ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى شەخس ياكى پارلامېنت ئەزاسى
پارلامېنتنىڭ رۇخسىتىسىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھېچكىمدىن ھەدىيە ياكى مەنسەپ
قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى يۈزىسىدىن بىر قىسىم دۆلەت
خادىملىرى، زىيالىيلار شەرەپ ئۇنۋانلىرى ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئېلىش ۋە بېرىش
ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىدۇ.
ئون ئىككىنچى بۆلۈم: ئەدلىيە
59.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى پارلامېنت تەرىپىدىن
ئالاھىدە چىقىرىلغان قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان مۇستەقىل ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى،
ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق پائالىيەت قىلىدۇ. سوتچىلار ۋە
تەپتىشلەر ئەدلىيە مىنىستىرى تەرىپىدىن ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن فاكۇلتېتلىرىنى
پۈتتۈرگەن، خىزمەت تارىخى پاك، خەلق ئىچىدە ئابرويلۇق قانۇنشۇناسلار ئىچىدىن
تەيىنلىنىدۇ. سودىيە ۋە تەپتىشلەر بىتەرەپ تۇرۇپ ۋەزىپىلىرىنى ئادىللىق بىلەن
بېجىرىدۇ.
60.
ماددا: سوتلانغانلار تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان قارارى ۋە
ھۆكۈمنامىلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق ئەرزلىرىنى يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھېسابلانغان «ئالىي
سوت مەھكىمىسى» گە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
61.
ماددا: شەرقىي تۈركىستان ئەدلىيە سىستېمىسى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن
بارلىق قانۇنلارنى بىتەرەپ ئىجرا قىلىدۇ، خەلقئارا كېلىشىملەردە شەرقىي تۈركىستان
جۇمھۇرىيىتى تەرەپتە تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىش
بېجىرىدۇ.
شەرقىي
تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۈتۈن قانۇنلارنىڭ تەرەپسىز ھالدا
ئەدلىيە تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشىغا، خەلقئارا قانۇنى كېلىشىملەرنىڭ ۋە شەرقىي
تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىمزالىغان پۈتۈن خەلقئارا قانۇنىي ئەھدىنامىلەرنىڭ ئەمەلگە
ئاشۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ.
62.
ماددا: بارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرى تەپتىشنىڭ قانۇنىي شىكايەتنامىسىگە
ئاساسەن بىتەرەپ سوتقا تاپشۇرۇلىدۇ.
63.
ماددا: دۆلەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش،
دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ياكى دۆلەتنى ئىشغال قىلغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۇلارغا
ياردەم قىلىش، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش — ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى بولۇپ
ھېسابلىنىدۇ. ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ رەزىل جىنايەت بولۇپ، ئەڭ
قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.
ئىككى
نەپەر گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بولمىغان ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى
بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھېچكىمنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەشكە
بولمايدۇ.
64.
ماددا: پارلامېنت «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش» جىنايىتى ھەققىدىكى قارارلارنى
تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە.
ئون ئۈچىنچى بۆلۈم: ئاساسىي قانۇنغا
تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش
65.
ماددا: مەزكۇر پارلامېنت ھەرقانداق ۋاقىتتا پارلامېنتنىڭ ئۈچتە ئىككى ئاۋازى
بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ دەسلەپكى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە
ئالتىنچى ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىلار
ئاساسىي قانۇننىڭ قوشۇمچە قىسمىدا ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ.
66.
ماددا: بۇ ئاساسىي قانۇن ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ
قانۇنلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىدە مۇقەددەستۇر. سوتچىلار
مۇشۇ قانۇنلار بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلامېنت ئەزالىرى،
دۆلەت رەھبەرلىرى، ئەدلىيە خىزمىتى ئىشلەيدىغانلار قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ
ئالىدۇ.
67.
ماددا: سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ھەر تۆت يىلدا
بىر قېتىم، قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستان ۋەتەنداشلىرى
تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى
ئازاد قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت سايلىمى ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم، 11 – ئاينىڭ
دەسلەپكى ھەپتىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يېڭى پارلامېنت ئەڭ
پېشقەدەم پارلامېنت ئەزاسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەسەم بىلەن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ
ئالىدۇ. قەسەم مۇراسىمىدىن كېيىن، پارلامېنت 14 – ماددىغا ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى
ئېلىپ بارىدۇ.
ئون تۆتىنچى بۆلۈم: ئاساسىي قانۇن
مەھكىمىسى
68.
ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى — شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن
چىقىرىلغان مەخسۇس قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەھكىمە قانۇنلارنىڭ، قانۇن
ھۆكمى بويىچە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان پارلامېنتى
نىزامنامىلىرىنىڭ شەكىل ھەم ماھىيەت جەھەتتىن ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ياكى
بولمىغانلىقى ھەققىدە نازارەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئاساسىي
قانۇن مەھكىمىسى 11 نەپەر رەسمىي ئەزا، تۆت نەپەر كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ.
ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەزالىرى ئۆز ئىچىدىن بىر كىشىنى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى
باشلىقى، يەنە بىر كىشىنى باشلىق ۋەكىلى قىلىپ سايلاپ چىقىدۇ.
69.
ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەڭ ئالىي مەھكىمە سۈپىتىدە سىياسىي
پارتىيىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە مەلۇم سىياسىي پارتىيىنى ئەمەلدىن
قالدۇرۇشقا تېگىشلىك دەۋالاردا جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش
ھەققىدىكى يازما دوكلات ۋە تەكلىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ ھەقتە قارار چىقىرىدۇ.
قارار چىقىرىشتىن ئاۋال، ئۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى ياكى رەئىس ۋەكىلىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش
ھەققىدىكى باياناتىنى ئاڭلايدۇ.
70.
ماددا: ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشىنىڭ يازما شىكايىتى
ۋە پارلامېنتنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا
ئۇچراتقان دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلارنى ئاساسىي قانۇن
مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى چىقارغان
قارار كەسكىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولمايدۇ.
71.
ماددا: ئۇشبۇ ئاساسىي قانۇن ئون تۆت بۆلۈم، 17 ماددىدىن تەركىب تاپقان
بولۇپ، مىلادىيە 2004 – يىلى 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا
چاقىرىلغان قۇرۇلتايدا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ماقۇللاندى ۋە ئېلان قىلىندى.
بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
Constitution of the Republic of East Turkistan's Government in Exile
The Constitution of the East Turkistan Republic’s Government in Exile is the supreme law guiding the East Turkistan Government in Exile. Drafted in 2004 and based on the original 1933 Constitution of the East Turkistan Republic, the document was referred to the East Turkistan Parliament in Exile for approval. This Constitution was adopted by the Parliament on November 22, 2004.
In alignment with the UN Universal Declaration of Human Rights, the Constitution guarantees equality before the law and the right to enjoy freedoms for all East Turkistanis. It also delineates a clear separation of powers among the administrative branches, specifically the legislature and the executive.
The Constitution has undergone regular amendments over the years. The most recent update and ratification occurred during a Special Session of the Parliament in Washington, DC, on April 20, 2019. The English version provided here is the official translation, approved at the 1st session of the 8th East Turkistan Parliament in Exile.