شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

دۆلەتنىڭ ئىستىقلال ۋە مىللىي مارشلىرى

دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى — 1933 – يىلى مەمتىلى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ئاھاڭغا سېلىنغان، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇلغان «قۇرتۇلۇش يولىدا» ناملىق شېئىردۇر.

دۆلەتنىڭ مىللىي مارشى —  مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن سوڭرە يەنە بىز» دېگەن شېئىرىدۇر.

قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز

سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.

قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سىنى،

قەلبىمىزدە قۇتۇلۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.

 

يۇرتۇمۇز بىز يۈز – كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،

ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز

يار ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،

شانۇ شۆھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز

 

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن

نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز

چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن بولدى ئەل ئامان

ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، پارلانسۇن ئەي ئىستىقبالىمىز.

Qurtulush yolida sudek aqti bizning qanimiz
Sen üchün, ey yurtimiz, bolsun pida bu janimiz
Qan këchip, hem jan bërip, axir qutuldurduq sëni
Qelbimizde qutquzushqa bar idi imanimiz

Yurtumiz, biz yüz-közüngni qan bilen pakizliduq
Orligen yalqun bilen paklandi bizning namimiz
Yaru hemdem boldi bizning himmitimiz sen üchün
Shanu-Showketlik idi himmet bilen ejdadimiz

Atilarning jengliri ochmeydu tarix betidin
Nesli qaldi jenggirwar biz uning ewladi biz
Chiqti Jan hem, hem aqti wan, boldi yawdin el aman
Yashisun! Ming yashisun güzel istiqbalimiz

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن كېيىن يەنە بىز

تارىختىن ئەۋۋەل بىز ئىدۇق، تارىختىن كېيىن يەنە بىز،

قەلبىمىزدە ۋىجدانىمىز، بۇ بىزنىڭ ئىمانىمىز.

تۈرك بىز، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۆكسى بىز تۇنچ سۇفەرى،

باش كېسىلسە قايتماس باسقان ئىزىدىن تۈرك ئەرلىرى.

 

يۇرتىمىزنىڭ ئالتۇنىدۇر تاغى بىرلە تاشلىرى،

ھەر بىرىمىز بىر ئارسلاندۇر، بۇ ۋەتەننىڭ ياشلىرى.

يۇرتىمىز ئۈچۈن قۇرباندۇر ياشلىرىمىزنىڭ باشلىرى،

ئىمانى ئىسسىق قانى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرى.

 

ئوردىمىز ھەم يۇرتىمىز، مەسخۇر تۈركدۇر نامىمىز،

دىنىمىز، ئىمانىمىز، بۇ بىزنىڭ ۋىجدانىمىز.

يۇرتىمىز تۈركنىڭ يۇرتى، بىز ئۇنىڭ قۇربانىمىز،

بايرىقىمىز كۆك بايراق ئوتتۇرىسىدا ئاي – يۇلتۇز.

Scroll to Top