شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

روزا ھەيىت تەبرىك سۆزى

ش ت ج س ھ جۇمھۇر رەئىس ئىشخانىسى
2020.يىلى 5.ئاينىڭ 23.كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ھەممىمىزنىڭ ئۇلۇغ رامىزان بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن، بۇ بايراملارنى ئەڭ قىسقا زاماندا مۇستەقىل ۋە ھۆر شەرقىي تۈركىستانىمىزدا بىللە خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلەشنى مىھرىبان ئىگىمىز جانابى ئاللاھتىن تىلەيمەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بايرامغا دائىر بەزى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

قېرىنداشلار، رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل بولغان ئايدۇر، قۇرئان ياراتقۇچىمىز ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، قۇرئان شۇنداق بىر مۇقەددەس نۇر ۋە قەدىرلىك كىتاپكى، نەدە نازىل بولسا شۇ يەرنى مۇقەددەسلەشتۈرىدۇ، قايسى زاماندا نازىل بولغان بولسا شۇ زاماننى مۇقەددەسلەشتۇرىدۇ، كىمگە نازىل بولسا شۇ كىشىنى قەدىرلىك قىلىدۇ، قۇرئان مەككە ۋە مەدىنىدە نازىل بولدى ۋە بۇ شەھەرلەرنى ئۇلۇغ قىلدى، قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولدى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر قىلدى، قۇرئان رامىزان ئېيىدا نازىل بولدى ۋە رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغ بىر ئاي قىلدى، قۇرئان رامىزان كېچىلىرىدىن بىر كېچىدە نازىل بولدى ۋە شۇ كېچىنى قەدىرلىك قىلىپ قەدىر كېچىسىگە ئايلاندۇردى، يەنى قۇرئان شۇنداق بىر ئۇلۇغ كىتابكى، كىمنىڭ قەلبىگە نازىل بولسا شۇ كىشىنى قەدىرلىك قىلىدۇ، شۇ كىشىنى ئويغۇتىدۇ، شۇ كىشىنى تىرىلدۈرىدۇ، شۇ كىشىنى پاكىزلايدۇ.

جانابى ئاللاھ قەدىرلىك ۋە قەدىردان بولۇشىمىز ئۈچۈن ۋە مەنىۋى كېسەللىكلەردىن ساقىيىپ كۈچلۈنۈشۈمىز ئۈچۈن بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ دەرۋازىسىنى قۇرئانغا ئېچىشىمىزنى خالايدۇ، خۇسۇسەن رامىزان ئېيىنى قۇرئان ئېيى دەپ ئېلان قىلىپ بۇ ئايدا قۇرئاننى قەلبىمىزگە نازىل قىلىشنى خالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا قۇرئاننى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇشنى رەسۇلۇللاھ ئارقىلىق بىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيىدا قەلبىمىزنىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇرئانغا تولۇق ئېچىپ بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى قۇرئان بىر ئۇلۇغ نۇردۇر، بۇ نۇر ئىنسانغا يېقىنلاشقانسېرى ئىنساننىڭ ئىچى نۇرلۇنىدۇ، ئەقلى ئويغۇنىدۇ، ئىمانى جانلىنىدۇ، ۋىجدانى پاكىزلىنىدۇ، قەلبىگە ئىمان، ۋىجدان، پاراسەت ۋە نومۇس قاتارلىق مەنىۋى قۇۋۋەتلەرنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېلىدۇ، قۇرئان بىر قەلبكە نازىل بولسا ئۇ قەلبتە ئىمان سۇلتان بولىدۇ، ئىمان سۇلتانلىقىدىكى قەلبتە دوست ۋە دۈشمەن قارىشى ئېنىق بولىدۇ، بۇ قەلبتە ھەق ئۈستىدىكى ھەقدوستلىرىغا ۋە ئادالەتپەرۋەرلەرگە دوستلۇقتىن باشقا نەرسە بولمىغىنىدەك، دۈشمەنلەرگە، زالىملارغا ۋە تاجاۋۇزچىلارغا ھېسداشلىق ۋە سەپداشلىقمۇ بولمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا رامىزان ئېيى ماتېرىيالىزىم ۋە ماددا ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەنىۋىلىشىش ۋە روھى چېنىقىش زامانىدۇر، بۇ چېنىقىشتا مەنىۋى پاكىزلىق، روھى كۈچلۈنۈش ۋە ئىمانىي تەرەققىيات نىشان قىلىنغان، بۇنىڭدىكى ئاخىرقى غايە ماددا بىلەن مەنا، ھېسسىيات بىلەن ئەقىل ۋە نەپس بىلەن رۇھ ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتۇر، بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قۇرئان تىلىدا فىترەت دېيىلىدۇ.

ئىنساننىڭ ماددىي تەرىپى كۈچەيگەنسېرى مەنىۋى تەرىپى ئاجىزلايدۇ، ماددى تەرىپى كېڭەيگەنسېرى مەنىۋى تەرىپى تارىيىدۇ، مەنىۋى تەرەپنىڭ ئازىيىشى ئىنساننىڭ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى بولغان ئىمانىنى، ۋىجدانىنى، ئىرپانىنى، ھېكمىتىنى، ئەقلىنى ۋە ئىرادىسىنى ئازايتىدۇ ۋە ھەتتا يوق قىلىدۇ.

ئىنساننىڭ ماددى تەرىپى كېڭەيگەنسېرى ئىنساننىڭ شەھۋىتى كۈچلىنىدۇ، دۇنيا ئىشتىھاسى كۈچلىنىدۇ، ھەق دوستلىرىغا غەزەپ-نەپرىتى ئاشىدۇ، مال-دۇنيا ھېرىسمەنلىكى، تاماخورلۇقى ئاشىدۇ، باشقىلارنى ياراتماي ئۆزىنى كۆتۈرۈش خۇيى پەيدا بولىدۇ، قورقۇنچاقلىق، نامەرتلىك، ۋاپاسىزلىق، رىياكارلىق، يالغانچىلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، خائىنلىق ۋە مۇناپىقلىق قاتارلىق پۈتۈن مەنىۋى كېسەللىكلەر باش كۆتۈرۈدۇ.

قېرنداشلار، ئىشلىتىلگەن ھەر قانداق نەرسە كىرلىشىدۇ، ئۇپرايدۇ ۋە ھەتتا بۇزۇلىدۇ، بىز بۇ ھاياتتا ماددى ئەزالىرىمىزدىن مەنىۋى ئەزالىرىمىزنى قاتمۇ قات كۆپ قوللىنىمىز، مەسەلەن بىر كۈندە قولىمىزنى يۈز قېتىم قوللانساق قەلبىمىزنى مىڭ قېتىم قوللىنىمىز، قولىمىزنى بەزى ئىشلىرىمىزدا قوللانساق قەلبىمىزنى ھەر ئىشتا قوللۇنىمىز، چۈنكى ئىنساننىڭ ھەر ئىشى قەلبتىكى ئەقىلنىڭ بۇيرۇقىسىز ئىشقا ئاشمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن قەلبىمىز تېخىمۇ كۆپ كىرلىشىدۇ، جىسمانىي سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن قولىمىزنى پاكىز تۇتۇشىمىز كېرەك بولغىنىدەك روھى ۋە مەنىۋى سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزنى پاكىز تۇتۇشىمىز كېرەك، چۈنكى جىسمانى كېسەللىك بىزنىڭ بۇ دۇنيالىقىمىزغا زىيان يەتكۈزسە، مەنىۋى كېسەللىك بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ.


قەلب داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىپ تۇرىدىغان ئورگان، ئىچىمىزدىكى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق قىلىقلار، ئەتراپىمىزدىكى بارلىق گۇناھلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەكسىلئىنقىلاۋى تەشۋىقاتلىرى، خىتاي سېپىدە ئىشلەيدىغان مىللى مۇناپىقلارنىڭ بارلىق پىتنە-پاساتلىرى، ئادەمى ۋە جىننى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرى، شەيتاننىڭ غالچىسى دەججال سېستىمىلىرىنىڭ ئېزىتقۇلۇقلىرى ھەممىسى قەلبىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەلبىمىزنى كىر قىلىدۇ، قەلبىمىزنى ئاجىزلىتىدۇ، قەلبىمىز مەزكۇر دۈشمەنلەرنىڭ ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىپ توغرا- تۈزگۈن ئىشلىيەلمەس بولۇپ قالىدۇ، بۇنى بىلگەن مىھرىبان ياراتقۇچىمىز ئاللاھ ئانتى ۋىرۇس ماھىيىتىدىكى قۇرئاننى بىزگە ھەدىيە قىلىپ، رامىزان ئېيىنى بۇ ئانتى ۋىرۇسنى قوللۇنۇپ پاكىزلىنىش زامانى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا رامىزان ئارقىلىق پاكىزنىلىنىشىمىزنى، ئويغۇنۇشۇمىزنى، تىرىلىشىمىزنى ۋە كۈچلۈنۈپ ئەسلىمىزگە كېلىشىمىزنى خالىغان ۋە بۇ سەۋەبتىن رامىزان روزىسىنى بىزگە پەرز قىلغان ۋە رامىزاندا قۇرئاننى قەلبىمىزگە قاچىلاشنى ئەمىر قىلغان.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا رامىزان ئېيى، يىللىق پاكىزلىق زامانى، بۇ ئايدا ئىنساننىڭ پۈتۈن مەنىۋى ئورگانلىرى پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ ئايدا ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسى تىرىلدۈرۈلىدۇ، قەلب پايتەختى نەپس تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئازاد قىلىنىپ ئىمان سۇلتانى قايتا تەختكە چىقىدۇ، قەلبتىكى ئىماننىڭ ئامانلىقىنى ۋىجدان مۇھاپىزلىرى قوغدايدىغان بولىدۇ.


رامىزان ئېيىدا مەنىۋىيات ئەسكەرلىرى تىرىلىپ قەلب پايتەختىنى نەپس تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئازاد قىلىپ ئ شاھىنى ئەسلى ۋەتىنى قەلب تەختىگە قايتۇرۇپ كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈن رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندا رامىزان بايرىمى قىلىمىز، بۇ بايرامنى دىنىمىزدا “ئىيد” دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كەلىمە لۇغەتتە قايتىپ كېلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىماننىڭ قەلبكە شاھ سۈپىتىدە قايتىپ كېلىشى كۆزدە تۇتۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بايرامنى ئازاتلىق بايرىمى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى قەلب نەپس كونتروللىقىدىن قۇتۇلغان ۋە ئىماننىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بۇ كەلىمىنى بىر ئاز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ “ھېيت” دەپ ئاتايمىز، بۇ بايرامدا بىر بىرىمىز بىلەن ھېيتلاشقاندا “ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن!” دېگەنلىك نەپسىڭىزنى يېڭىپ قەلبىڭىزدىن نەپس تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىڭىز مۇبارەك بولسۇن، دېگەنلىكتۇر، شۇنداقلا، قەلب تەختىڭىزگە ئىمان شاھىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلىگەنلىكىڭىز مۇبارەك بولسۇن، دېگەنلىكتۇر.


ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بايراملار ئەزەلدىن بۈيۈك ئىنقىلابلارنى قىلىپ غەلىبە قازانغانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، رامىزان ۋە قۇربان بايراملىرى ئاللاھ تەرىپىدىن بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ قوشۇنى بولغان مۇئمىن-مۇسۇلمانلار بۇ بايراملاردىن بۇرۇن مەنىۋى جەھەتتىن جىھاد قىلىپ نەپس تاجاۋۇزچىلىرىنى يېڭىپ قەلب پايتەختىنى ئازات قىلىپ ئىمان شاھىنى ئۆز تەختىگە قايتۇرۇپ كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بۇ غەلىبىنى تەقدىرلەپ رامىزان ۋە قۇربان بايراملىرىنى مۇسۇلمانلارغا دىنى بايرام قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن.

بۇ رامىزان بايرىمى نەپسىنى يېڭەلىگەن يىگىتلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ رامىزان بايرىمى بۇ بۈيۈك جىھاتتا غەلىبە قازانغان مەرتلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ رامىزان بايرىمى قەلب پايتەختىنى ئازاد قىلالىغانلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام ئىمان سۇلتانىنى قەلب تەختىگە چىقىرالىغانلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام ئۆزىگە خائىنلىق قىلمىغانلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام ئۆز مىللىتىنى سۆيەلەيدىغان ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن نەپرەتلىنەلەيدىغانلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام ئۆز بەختى ئۈچۈن مۇستەقىللىق مەيدانىغا كېلەلەيدىغان ۋىجدانلىقلارغا مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان 40 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ بايرام ئاللاھنىڭ ھەر تۈرلۈك نېمىتىگە مۇھتاج بولغان ئەمما خائىن بولمىغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا مۇبارەك بولسۇن! ئامىن.


جانابى ئاللاھ رامىزان بايرىمىنى بىزگە دىنى بايرام قىلىپ بەرگەندەك، بىزگە ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزگە يارىدەم قىلىپ، شۇ ئازاتلىق كۈنىمىزنى مىللى بايرام قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن! خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئۆز ھاكىمىيىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ پايتەختىگە چىقىرىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن.

Scroll to Top