شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

گېنېرال روبېرت سىپالدىڭنىڭ نۇتقى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى

2019-يىل 10-نويابىر

گېنېرال روبېرت سىپالدىڭنىڭ نۇتقى

بۇ يەردە بولغىنىمدىن ۋە مەزكۇر مۇھىم ۋەقەنى شەرەپلەندۈرگىنىمدىن مەمنۇنمەن.  

 ۋىنستون چېرچىل ۋە فىرانكلىن دېلانو روزۋېلت 1941-يىل 14-ئاۋغۇستتا ئاتلانتىك خىتاپنامىسى دەپ تونۇلغان بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا ئىككى لىدىر ئۇرۇش ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن بولۇپ، بىر بەت سەككىز ئابزاستىن تەركىپ تاپقان ئاتلانتىك خىتاپنامىسى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئورناتماقچى بولغان دۇنيا تەرتىپىگە ياخشى قېلىپ بولغان ئىدى. ئاتلانتىك خىتاپنامىسى رېئالىزىم بىلەن ئىدىئالىزىم بىرىكىپ كەتكەن ھۆججەت،ئۇنىڭدا چېرچىلنىڭ ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۇقىمى ۋە فىرانكىلىن روزۋىلىتنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ئىدىيىسى يۇغۇرۇلغان. فىرانكلىن روزۋېلت 1941-يىل يانۋاردا ئامېرىكا خەلقىگە سۆزلىگەن نۇتقىدا دۇنيانى سۆز ئەركىنلىكى، دىنى ئەركىنلىك، قورقۇ بىلەن بۇزغۇنچىلىقتىن خالاس بولۇش ئەركىنلىكىگە چاقىرىق قىلغان ئىدى. خىتاپنامە ئەڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، ئىككىنجىدىن فىرانكىلىن روزۋېلىت روياپقا چىقارماقچى بولغان، دىموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان،يېڭى دۇنيا تەرتىپى لاھىيىسىگە ماسلاشقان ئىدى. ئىككىجى دۇنيا ئۇرىشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، خىتاپنامە يېڭى خەلقئارا تەرتىپنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاھىيە بولسا بىرلەشتۈرۈلگەن ھوقۇق ۋە دىموكراتىيىلەر ئىتىپاقلىشىپ ئەركىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇندىن كىيىن 1946-يىلى 5-مارتتا،چېرچىل ئامېرىكىنىڭ مەركىزىدىكى ۋېستمىنىستىر ئۇنىۋېرستىتىدا، بالتىقتىن ئادىرىياتىككىچە سوزۇلغان چەكسىز تۆمۈر پەردىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت ھاكىممۇتلەق تورىنىڭ شەرقى ياۋروپانى قاپساپ خورىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن، يېڭىدىن يەرشارىلاشقان دۇنيادا، يېڭى دىجىتال [ئۇچۇر] ۋە ئىقتىسادى تۆمۈر پەردە يېيىلىپ، خىتاي كومنىست پارتىيىسى ھاكىممۇتلەقلىقنى ئۆز چېگراسى دەپ قارايدىغان شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىزىلىۋاتقان رايونلاردىلا ئەمەس، دەل مۇشۇ ئامېرىكىدىمۇ تارقىتىشقا ئۇرىنىۋاتىدۇ، دۇنيا تەرتىپىگە تەھدىت بولىۋاتىدۇ. ئىككى ھەپتە بۇرۇن، 54 دۆلەتنىڭ 32 دىموكراتىيىگە قارشى ھالدا، خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ئىمزا قويغانلىقىنى كۆردۇق.  ئەگەر يېقىندا خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دېھقانچىلىق ساھەسىدىكى بېلەت تاشلاشتا غەلىبە قازانغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭلار، ئاتلانتىك خىتاپنامىسىنىڭ ئۆمرى ۋە خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ئىقتىسادى بېسىپ چۈشكەن دىموكراتىيىنىڭ خەلقئارا تەرتىپلەردىكى كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىسىلەر.  بېسىۋېلىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىسىدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى.  مۇشۇ زالدىكىدەك، ۋاشىڭگىتوندا قانچىلىك ئورۇن بۇ يىغىلىشنى خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن خالى ھالدا،ئۆز تەۋەلىكىدە ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا يول قويالايدۇ؟ يەنە، مۇشۇ زالدىكى قانچىلىك ئادەم- ئەسلى پۈتۈن دۇنيادا ئاتلانتىك خىتاپنامىسىنىڭ ئىدىيىسىنى تارقىتىشى كىرەك بولغان- تىۋىتتىر ياكى باشقا ئۇچۇر مۇنبەرلىرىدە چەكلەندى؟ كۆرىۋالالايمىز، غايەت زور تۆمۈر دىجىتال پەردە چاينا ياكى شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تارالدى. بۇ دىجىتال تۆمۈر پەردە، بىز قۇرغان- دەرىجىدىن تاشقىرى زامانىۋى ئايفوننى بارلىققا كەلتۈرگەن- تەمىنلەش زەنجىرى ئايان قىلغاندەك،خىتاي كومنىست پارتىيسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جىسمانى جەھەتتىن كونتىرول قىلىپلا قالماي،ھەممىلا دىموكراتىك دۆلەتلەرنى دىگۈدەك ئىقتىسات ۋە ئۇچۇر بىلەن كونتىرول قىلىپ بولدى.  ئەڭ ياخشى بىر مىسال،يېقىندا يۈز بەرگەن ئېن بى ئېي [ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكىتبول ئۇيۇشمىسى ] زىددىيىتىدە،خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ- ئەركىنلىقنى سۆيىدىغان خوڭكوڭ خەلقىنى قوللىغان-ئېن بى ئېي باش دىرىكتورىنى ئىشتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىشى.  بىز پەقەت خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشىنى كۈتكەن ئىدۇق. 1997 -يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ھەممە ئادەم دىموكراتىيە بېيىشقا يىتەكلەيدۇ، خىتاي بازارنى ئېچىپ بېيىغاندىن كىيىن دىموكراتلىشىدۇ دەپ ئىشەنگەن ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇ مۇمكىنچىلىق يوق ئىكەن شۇڭا ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ كۈنىمىزدە، دۇنيادا قەد كۆتۈرگەنلىكىنى تونۇپ يىتىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئامېرىكا باشقا دىموكراتىك كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە ئەركىنلىكنىڭ قورغىنى بولىشى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشى كىرەك ئىدى، ۋەھالەنكى بۈگۈن بىزنىڭ ئۇنىۋېرستىتلىرىمىز چەكلىمىنىڭ قورغىنى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.  ئامېرىكا چوقۇم خوڭكوڭدەك جايلاردىكىلا ئەمەس يەنە شەرقىي تۈركىستاندەك جايلاردىكىمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن يىغلاۋاتقان ئاۋازلارنى كۈچلەندۈرىشى كىرەك.  رەھمەت.

Scroll to Top