بۇ ئاساسىي قانۇن 1949 – يىلى 10 – ئايدا تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئورتاق مىللىي ئىرادىسى بىلەن تۈزۈپ چىقىلدى.
ئۇشبۇ ئاساسىي قانۇن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋە ھۆررىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي تۈزۈمى ۋە يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
