شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمى ۋەكىللىرى

خەۋەرلەر

يېڭى خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىگە خۇش كەلدىڭىز

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دىموكراتىك سايلانغان سىياسى گەۋدە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى- دىموكراتىك، سېكۇلار، كۆپ مەدەنىيەتلىك بولغان؛ بارچىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى بىلەن ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان- شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قازىنىش.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى كىملەر ؟

ئالتە مىڭ يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر. گەرچە خىتاي مەنبەلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ[ خىتاي كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان] نوپۇسىنى 25 مىليون دەپ قەيت قىلىنسىمۇ، ھەقىقى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى 35 مىليون ئەتراپىدا دەپ قارىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ نوپۇسى ئۇيغۇرلار 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. قازاقلار نوپۇسى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى نىمە ؟

خىتاي مۇستەملىكىسى ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى نەچچە ئونلىغان يىلدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى يۈرگۈزىشى ئارقىسىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوقىلىپ كىتىشتەك ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالدى. بۈگۈن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر،قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگىرلىرىغا قامالدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىراقلام كىشلىق ھوقۇق دەۋاسى ئەمەس ئەكسىچە مۇستەقىللىق ۋە مەۋجۇتلۇق دەۋاسىدۇر!